跳到主要内容

ئۇيغۇر تىبابەت سالاھىيەت ئىمتىھانلىرىنىڭ كەسىپ تۇرى ۋە دەرىجىسىگە ئاساسەن بۇلۇنۇش ئەھۋالى

ئۇيغۇر تىبابەت سالاھىيەت ئىمتىھانى

كەسىپ بويىچە:

  1. داۋالاش كەسپى (ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانى)
  2. دورىگەرلىك(ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك سالاھىيەت ئىمتىھانىسى) دەپ چوڭ ئىككى تۇرگە ئايرىلىدۇ.

ئوقۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن:

  1. مەخسۇس مائارىپ تەربىيەسى ئالغانلار
  2. ئاتا مىراس تەربىيەسى ئالغانلار دەپ ئىككى تۇرلۇك ئوقۇش تارىخى بويىچە ئىمتىھانغا قاتنىشالايدۇ.

داۋالاش كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھان بىرىدىغانلار

داۋالاش كەسىپى دەرىجىسىگە ئاساسەن ئۆز ئىچىدە بەش دەرىجىگە بۆلىنىدۇ، يەنى①ياردەمچى ۋىراچ(助理医师)، ②ۋىراچ،(执业医师) ③مەسئۇل ۋىراچ،(主治医师) ④مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ،(副主任医师) ⑤مۇدىر ۋىراچ(主任医师).

مەخسۇس كۇرۇس پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاۋال ياردەمچى ۋىراچلىق دەرىجىسىتىن باشلاپ ئىمتىھان بىرىدۇ، تۇلۇق كۇرۇسنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاۋال ۋىراچلىق دەرىجىسىتىن باشلاپ ئىمتىھان بىرىدۇ.

ياردەمچى ۋىراچلىق(助理医师) ئىمتىھانىسى

ئىككى چوڭ تۇرگە ئايرىلىدۇ، يەنى ئەمەلىيەت ئىمتىھانىسى ۋە يېزىقچە ئىمتىھان بۇلۇپ، ئاۋال ئەمەلىيەت ئىمتىھانىسى بىرىدۇ، ئەمەلىيەت ئىمتىھانىسى ئۆز ئىچىدىن 4قىسىمغا بۆلىنىدۇ، يەنى ①سۇئالغا جاۋاپ بىرىش، ②كىسەللىك ئۇچۇرىنى ئانالىز قىلىش، ③ئەمەلىي مەشغۇلات كۆرسىتىش، ④كىسەللىك تارىخى يېزىش دىن ئىبارەت، ئەمەلىيەت ئىمتىھان نەتىيجىسى لاياقەتلىك بولغاندىن كىيىن ئاندىن يېزىقچە ئىمتىھان بىرەلەيدۇ، ياردەمچى ۋىراچلىق يېزىقچە ئىمتىھان ئومۇمى نۇمۇر 300نۇمۇرلۇق، بىر كۇندە چۇشتىن بۇرۇن ۋە چۇشتىن كىيىن بۇلۇپ ئىككى مەيدان ئىمتىھان بىرىدۇ.

ۋىراچلىق(执业医师) ئىمتىھانى

ئىككى چوڭ تۇرگە ئايرىلىدۇ، يەنى ئەمەلىيەت ئىمتىھانىسى ۋە يېزىقچە ئىمتىھان بۇلۇپ، ئاۋال ئەمەلىيەت ئىمتىھانىسى بىرىدۇ، ئەمەلىيەت ئىمتىھانىسى ئۆز ئىچىدىن 4قىسىمغا بۆلىنىدۇ، يەنى ①سۇئالغا جاۋاپ بىرىش، ②كىسەللىك ئۇچۇرىنى ئانالىز قىلىش، ③ئەمەلىي مەشغۇلات كۆرسىتىش، ④كىسەللىك تارىخى يېزىش دىن ئىبارەت، ئەمەلىيەت ئىمتىھان نەتىيجىسى لاياقەتلىك بولغاندىن كىيىن ئاندىن يېزىقچە ئىمتىھان بىرەلەيدۇ، ۋىراچلىق يېزىقچە ئىمتىھانىسى ئىككى كۇن، چۇشتىن بۇرۇن، چۇشتىن كىيىن بۇلۇپ جەمئىي تۆت مەيدان ئېلىنىدۇ، ھەر بىر ئىمتىھان مەيدانى 150نۇمۇرلۇق بۇلۇپ، جەمئىي 600 نۇمۇرلۇق سۇئال بويىچە ئىمتىھان بىرىدۇ، يىللاردىن بىرى ئىمتىھاننىڭ ئاساسلىق پەن مەزمۇنلىرىنىڭ ئىمتىھان ئومۇمىي نىسبىتىدە ئىگەللىگەن ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك.

تۆتىنجى مەيدان ئىمتىھانئۇچۇنجى مەيدان ئىمتىھانئىككىنجى مەيدان ئىمتىھان### بىرىنجى مەيدان ئىمتىھان
- ئۇيغۇر تىبابىتى ئاياللار كىسەللىكلەر ئىلمى %50

- ئۇيغۇر تىبابىتى تىرە كىسەللىكلەر ئىلمى %30

- ئۇيغۇر تىبابىتى سۆڭەك كىسەللىكلەر ئىلمى %20
- ئۇيغۇر تىبابىتى ئىچكى كىسەللىكلەر ئىلمى %80

- ئۇيغۇر تىبابىتى تاشقى كىسەللىكلەر ئىلمى %20
- ئۇيغۇر تىبابەت دىئاگىنوزتىكا ئىلمى %30

- غەرىپ تىبابىتى دىئاگىنوزتىكا ئىلمى %40

- لابوراتورىيەلىك دىئاگىنوز ئىلمى%10

- تىببىي سۇرەت ئىلمى %5

- يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر ئىلمى %5

- سەھىيە قانۇنى %5

- تىببىي ئىستىل توغرىسىدا %5
- ئۇيغۇر تىبابەت نەزىيە ئاساس ئىلمى %30

- ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك ئىلمى %25

- ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلار ئىلمى %20

- ئۇيغۇر تىبابەت دورا ياساش ئىلمى %10

- ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش تېخنىكىسى ئىلمى %15

ئۇنۋان ئىمتىھانىسى بىرىدىغانلار

مەسئۇل ۋىراچ(主治医师)، مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ(副主任医师)، مۇدىر ۋىراچ (主任医师)بۇلار ئادەتتە ئۇنۋان ئىمتىھانىسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۇچ تۇردە ئىمتىھان بىر مەيدانلا بۇلۇپ ئەمەلىيەت ئىمتىھانىسى ئېلىنمايلا يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، يېزىقچە ئىمتىھان 100نۇمۇرلۇق ئۆلچەم بويىچە بىر مەيدان بىلەن تۇگەيدۇ.

دورىگەرلىك كەسپى بويىچە ئىمتىھان بىرىدىغانلار

دورىگەرلىك كەسپىنى پۇرتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس كۇرۇس بولسا 5يىل، تۇلۇق كۇرۇس پۇتتۇرگەنلەر 3يىل ، ئاسپىراتلىقنى پۇتتۇرگەنلەر 1 يىل شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندىن كىيىن ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىگە بۇلىدۇ، ئىمتىھان دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئادەتتىكى دورىگەر(药士)، ئۇستاز دورىگەر(药师)، باشقۇرغۇچى دەرىجىلىك دورىگەر(主管药师)، مۇئاۋىن مۇدىر دورىگەر(副主任药师)، مۇدىر دورىگەر(主任药师) دەپ بەش تۇرگە ئايرىلىدۇ. دورىگەرلىكنىڭ ئىمتىھانلىرىدا ئەمەلىيەت ئىمتىھانىسى يوق بۇلۇپ، ھەممىسى يېزىقچە ئىمتىھان بىرىدۇ.

ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بىرىدىغانلار

يۇقۇرى ئۆرلەپ ئاسپىراتلىققا ئىمتىھان بىرىدىغانلار يېزىقچە ئىمتىھان بىرىدىغان بۇلۇپ، بىر كۇندە ئىككى مەيدان ئومۇمى ۋاقىتى 180مىنۇت بۇلىدۇ.300نۇمۇر بويىچە ئىمتىھان بىرىدۇ،

مۇناسىۋەتلىك پەنلەر تۇرى: ئۇيغۇر تىبابەت نەزرىيە ئاساس ئىلمى(%10)، ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك ئىلمى(%10)، ئۇيغۇر تىبابەت دورا ياساش ئىلمى(%15)، ئۇيغۇر تىبابەت ئىچكى كىسەللىكلەر ئىلمى(%35)، ئۇيغۇر تىبابەت تىرە كىسەللىكلەر ئىلمى(%30) قاتارلىق پەنلەردىن ئاساسلىق ئىمتىھان مەزمۇنى تۇزۇلىدۇ.

تەقلىدى ئىمتىھان ئىقتىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش توغىرىسدا

كەسىپلەر تۇرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم ئۇسلۇپتا، ئوخشىمىغان سۇئال سانى ۋە شەكلى بويىچە بىر تۇرگە بىر لاھىيە قىلىپ تەقلىدى ئىمتىھان شەكلىنى ياساپ چىقىمىز.

كەسىپ تۇرىئىمتىھان ۋاقتىسۇئال سانىسۇئال شەكلى
ياردەمچى ۋىراچ180مىنۇت300 نۇمۇرلۇقكەسىپ تۇرلىرى بويىچە خالىغانچە سىستىما ئاپتۇماتىك تاللايدىغان قىلىمىز
ۋىراچ600مىنۇت600نۇمۇرلۇقكەسىپ تۇرلىرى بويىچە خالىغانچە سىستىما ئاپتۇماتىك تاللايدىغان قىلىمىز
مەسئۇل ۋىراچ90مىنۇت100نۇمۇرلۇقمەخسۇس بىكىتىلگەن سۇئال بار
مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ90مىنۇت100نۇمۇرلۇقمەخسۇس بىكىتىلگەن سۇئال بار
دورىگەرلىك كەسپىكەسىپ تۇرلىرى بويىچە خالىغانچە سىستىما ئاپتۇماتىك تاللايدىغان قىلىمىز
ئاسپىراتلىق ئىمتىھانى180مىنۇت300نۇمۇرلۇقكەسىپ تۇرلىرى بويىچە خالىغانچە سىستىما ئاپتۇماتىك تاللايدىغان قىلىمىز

ئىزاھات: دورىگەرلىك كەسپى ئىچىدىن دەرىجىگە بۆلۇنمەيدۇ، ئەسلىدىكى بۇرۇنقى دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىسى ئەپچېقىغا ئوخشاش بىر تۇر بويىچە ياسايمىز.